2007-05-14

ئويلىغانلىرىم

بىر ھەپتىدىن بېرى <باي دادام :مالىيە ئەركىنلىك يولى >ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم .
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يېرى راست دىگەندەك ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ قويغان بىلەنلا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. بۇرۇنقىدەك ياخشى ئوقۇپ مۇقىم خىزمەت قىلىمەن دىيىش تەس بولۇپ كەتتى . ئامال بار ئۆز ئىشى ئۈچۈن ئويلىشىدىغان پەيىت كەلدى
. مەنمۇ بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مۇقىم خىزمەت ، مۇقىم مائاش ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرمەن دەپ ئويلايتتىم . بىرەر شىركەتكە كىرىۋالسام تېخىمۇ ياخشى دەيتتىم . لىكىن بۇنداق قىلسام ئۆمۈر بويى باشقىلارنى باي قىلىپ ئۆتۈپ كېتىمەن .ھەر ئايلىق مائاشىمننى تۇرالغۇ ئۆي قەرزى ، ماشىنا قەرزى تۆلەپ كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىپ مالىيە ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلمەي ئۆتۈپ كېتىشىم چوقۇم. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ئۆز مالىيەرىم ئۈچۈن ئويلىنىمەن . مالىيە سان -سىفىرلىرىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن . <پۇلنىڭ ئېقىشى > دىگەن ئۇيۇننى ئويناپ تۇرىمەن . مەن بۇ ئويۇندا يېرىم سائەتكىچە مالىيە ئەركىنلىكىگە ئېرىشىپ بولالايدىغان سەۋيەگە يەتتىم . رىئال تۇرمۇشتا مۇشۇنداق قىلالىسام قانداق ياخشى بولاتتى ھ
بۇ ئويۇن پۈتۈنلەي ئېنگىلىزچە ئىكەن . لىكىن كۆپىنچە سۆزلۈكنى لۇغەتسىز چۈشۈنەلىدىم ، مۇشۇ ئويۇننىڭ تۈرتكىسىدە مەن ئەمدى بارلىق مالىيە ئىشلىرىمنى تەرتىپكە سالمىسام بولمايدۇ .
پاسسىپ كىرىمنى كۆپەيتىشكە تىرىشىمەن .مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسام بەلكىم 30 ياشقىچە ئۆز كارخانامنى قۇرۇپ چىقىشىم مۇمكىن . مەسىلەن : <<ھېنرى فورد >> دەك .

1 comment:

Anonymous said...

بۇ كىتاب ھەقىقەتەن ياخشى كىتاب ،
مەن بۇرۇن ئوقۇغان ،بىرنەچچە قېتىم ئوقۇدۇم ! سىزنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىڭىزنىڭ كارخانىسىنى قۇرشىڭىزغا تىلەكداشىمەن !
- تەكلىماكان