2007-06-04

< يوقاش>


بۇگۈن <يوقاش> فىلىمىنىڭ 3 بۈلۇمىنى كۆرۇپ بولدۇم . ئاخىرى 2008 -يىلى 2 ئاي ئەتراپىدا چىقىدىغان ئوخشايدۇ ،بۇ ئامىرىكا تېلۋىزىيە تىياتىرى مېنى ئۆزىگە بەك جەلىپ قىلىۋالدى. ئۇلاردىكى ھاياتقا بولغان ئشەنچ ، ئىتتىپاقلىق ، ئۆز ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلىش روھى مېنىڭ ئۆگۈنۈشۈمگە ئەرزيدۇ. چارلىز باشقىلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازى بولىۋاتىدۇ ،بىز ئۇيغۇرلار نىمىشقا شۇنداق روھقا ئىنتىلمەيمىز ؟ كىچىككىنە مەنپئەتنى دەپ بىز -بىرىمىزنى يامان كۆرۈشۈپ ، ئورا كولايمىز . بىز پەقەت ئازراق پۇل ، ھاراق ، قوساق ئۈچۇنلا يارالغانمۇ؟ نىمىشقا ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى تەلەپ قىلمايمىز ؟ ئايلىق مائاشى 1000 دىن ئاشمايدىغان مۇقىم خىزمەت ئۈچۈن بار جاپانى تارتىمىزمۇ ؟ مانا بۇ مەن ئويلىشىشقا تىگىشلىك مەسىلە .

1 comment:

saeed said...

سلام قارداش
من سعید ایران ( گونئی آذربایجاندان ) سیزه یازیرام
ان شا الله اویغور میللتی موفق بولسون