2007-06-04

< يوقاش>


بۇگۈن <يوقاش> فىلىمىنىڭ 3 بۈلۇمىنى كۆرۇپ بولدۇم . ئاخىرى 2008 -يىلى 2 ئاي ئەتراپىدا چىقىدىغان ئوخشايدۇ ،بۇ ئامىرىكا تېلۋىزىيە تىياتىرى مېنى ئۆزىگە بەك جەلىپ قىلىۋالدى. ئۇلاردىكى ھاياتقا بولغان ئشەنچ ، ئىتتىپاقلىق ، ئۆز ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلىش روھى مېنىڭ ئۆگۈنۈشۈمگە ئەرزيدۇ. چارلىز باشقىلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازى بولىۋاتىدۇ ،بىز ئۇيغۇرلار نىمىشقا شۇنداق روھقا ئىنتىلمەيمىز ؟ كىچىككىنە مەنپئەتنى دەپ بىز -بىرىمىزنى يامان كۆرۈشۈپ ، ئورا كولايمىز . بىز پەقەت ئازراق پۇل ، ھاراق ، قوساق ئۈچۇنلا يارالغانمۇ؟ نىمىشقا ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى تەلەپ قىلمايمىز ؟ ئايلىق مائاشى 1000 دىن ئاشمايدىغان مۇقىم خىزمەت ئۈچۈن بار جاپانى تارتىمىزمۇ ؟ مانا بۇ مەن ئويلىشىشقا تىگىشلىك مەسىلە .

2007-05-26

خېخەي ئۇنۋېرسىتىتى <ئۈمۈت لوڭقىسى>پۇتبول مۇسابىقىسى



بۇ مەن ( ئوتتۇردا) دوستلىرىم مېنى بېكخامغا ئوخشايسەن دەيدۇ ئادەمنى خوشال قىلىپ..





ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە ئالدىدا
قول ئېلىشىش




پۇتۇمنىڭ پېيى تارتىپ قالدى

2007-05-14

ئويلىغانلىرىم

بىر ھەپتىدىن بېرى <باي دادام :مالىيە ئەركىنلىك يولى >ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم .
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يېرى راست دىگەندەك ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ قويغان بىلەنلا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. بۇرۇنقىدەك ياخشى ئوقۇپ مۇقىم خىزمەت قىلىمەن دىيىش تەس بولۇپ كەتتى . ئامال بار ئۆز ئىشى ئۈچۈن ئويلىشىدىغان پەيىت كەلدى
. مەنمۇ بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مۇقىم خىزمەت ، مۇقىم مائاش ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرمەن دەپ ئويلايتتىم . بىرەر شىركەتكە كىرىۋالسام تېخىمۇ ياخشى دەيتتىم . لىكىن بۇنداق قىلسام ئۆمۈر بويى باشقىلارنى باي قىلىپ ئۆتۈپ كېتىمەن .ھەر ئايلىق مائاشىمننى تۇرالغۇ ئۆي قەرزى ، ماشىنا قەرزى تۆلەپ كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىپ مالىيە ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلمەي ئۆتۈپ كېتىشىم چوقۇم. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ئۆز مالىيەرىم ئۈچۈن ئويلىنىمەن . مالىيە سان -سىفىرلىرىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن . <پۇلنىڭ ئېقىشى > دىگەن ئۇيۇننى ئويناپ تۇرىمەن . مەن بۇ ئويۇندا يېرىم سائەتكىچە مالىيە ئەركىنلىكىگە ئېرىشىپ بولالايدىغان سەۋيەگە يەتتىم . رىئال تۇرمۇشتا مۇشۇنداق قىلالىسام قانداق ياخشى بولاتتى ھ
بۇ ئويۇن پۈتۈنلەي ئېنگىلىزچە ئىكەن . لىكىن كۆپىنچە سۆزلۈكنى لۇغەتسىز چۈشۈنەلىدىم ، مۇشۇ ئويۇننىڭ تۈرتكىسىدە مەن ئەمدى بارلىق مالىيە ئىشلىرىمنى تەرتىپكە سالمىسام بولمايدۇ .
پاسسىپ كىرىمنى كۆپەيتىشكە تىرىشىمەن .مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسام بەلكىم 30 ياشقىچە ئۆز كارخانامنى قۇرۇپ چىقىشىم مۇمكىن . مەسىلەن : <<ھېنرى فورد >> دەك .

2007-05-13

ئانىلار بايرىمى ئۈچۈن

بۈگۈن ئانىلار بايرىمى
. سۆيۈملۈك ئانا : بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن


2007-04-12

پۇتبول

jack مەن ۋە


بۈگۈن بىر نەچچە پارچە رەسىمگە چۈشكەنتىم . مىھىرىبان مېنى يوقاش فىلىمىدىكى بىر پېرسوناژغا ئوخشايسەن دەيدۇ.

2007-04-02

ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئۆگۈنىۋىلىڭ


بۈگۈن يېڭى ۋىرۇس تارقىلىپتۇ

بۇگۈن دوستۇمنىڭ كومپىيوتىرىدن ۋىرۇس يۇقتۇرۋلدىم. بۇ ۋىرۇسنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەرقانداق كۆزنەكتە <سەن چوشقا ، سېنىڭ بۇرنۇڭنىڭ ئىككى تۆشۈكى بار >دىەنگە ئوخشاش خەتلەر كۆرۈندۇ. يۇقۇش يولى كۆپ خىل . توردىن ئالاقىدار ماتىرياللارنى تاپالمدىم.ئاخىرى بولماي سېستىمىنى قايتا قاچىلىدىم

2007-03-28

ئاياللارنىڭ تۆنۆگىنى ،بۇگۈنى ۋە ئەتسى



تۆنۆگۆن









بۈگۈن









ئەتە





2007-03-18

قەھرىمان

سەن ھەرگىز ئۆز تەغدىرىڭنى تاللىيالمايسەن،بەلكى تەغدىر سېنى بەلگىلەيدۇ.تەغدىر سېنى چاقىرمىغىچە سەن ھەرگىز بۇنى بىلەلمەيسەن.ئۇلار ھەرگىز سېنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن قانچىلىك نەرسىلەرنى يوقاتقىنىڭنى بىلمەيدۇ.لېكىن سەن نۇقسانسىز بىر مەھسۇلات.دۇنيادىكى ھەممە مەخلۇقات خەۋىپ ئاستىدا .قەھرىمان ئىنتايىن تېز كىمنىڭ ياردەمچى ،كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ.

2007-03-17

دىن ئازراق نەرسە ئۆگەندىم css بۈگۈن

بىلوگنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ئازراق بىرنەرسە ئۆگەنگەن .باشقا دوستلىرىمغا ياردىمى بولۇپ قالار. بولسا ئوبىكىتنىڭ تۆت ئەتراپىنى سىرتقا كېگەيتىدىغان پارامىتىر بولۇپ ،ئۇ ئارقىلىق بەت رايونىدىكى كۆزنەكنى سىرتقا كېڭەيتكىلى بولىدۇ.margin
border كۆزنەكنىڭ تۆت ئەتراپى بولسا

2007-03-14

ئۇيغۇرچە بلوگ يېزىش ئارمانىم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى

بۇگۇن مەن ئىنتايىن خوشال ، چۈنكى سۆيۇملۈك ئۇيغۇر يېزىقىدا بىلوگ يېزىۋاتىمەن، ھەم مۇشۇنداق مىللەت سۆيەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمغا رەھمەت ئېيتىمەن . يەنە ئالاھىدە ئويغان ،بىلىك قاتارلىق تورلارغا سالام يوللايمەن ،ياشاپ كەت !

2007-02-19

مەنىسىز

مەنىسز .................


.................................................................................

2007-02-13

سودىغا ئائىت كىتاپ

بۈگۈن <باي دادام ، نامرات دادام> ناملىق كىتابنى كۆرۈپ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.باشقا تورداشلىرىمنىڭمۇ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.بۇ كىتابتا قانداق قىلىپ بالدۇر ئقساد ئەركىنلىكىگە ئىگە بولىدىغانلىقى سۆزلەنگەن .بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى يەنە <پۇلنىڭ ئېقىشى>ناملىق ئويۇننىمۇ كەشىپ قىلغان

2007-02-03

ئە گەر ياخشى كۆرسەڭ


مەن بۈگۈن مىھرىبان بىلەن بەك ياخشى ناخشىدىن بىرنى تېپىۋالدۇق. <ئەگەر ياخشى كۆرسەڭ > .مەن يەنە مۇشۇ ناخشىنى ئۆگۈنۈپ ،مىھرىبانغا ئېيتىپ بېرىدىغان بولدۇم .لېكىن مەن كورىيە تىلىنى بىلمەيمەن. شۇڭا بەلكىم ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن .

2007-01-24

گۈزەل باھار


希望早点跟她和

قىشلىق تەتىل

مەكتەپتىن قويۇپ بەردى. لېكىن مەن كەتمەي كورۇستا ئوقۇيمەن !

2007-01-23

تۇغۇلغان كۇنۇم




بۈگۈن مېنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنۈم . 23 ياشقا كىردىم . ئەمدى كەلگۈسى ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشىم كېرەك .مەن يەنە بىر نەچچە سوۋغات تاپشۇرۇپ ئالدىم .بۇلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇدىغان سوۋغاتلار.

بۇگۇن بلوگ يېزىشقا باشلىدىم

بۇگۇن كۆڭلۈم ئازراق يېرىم .2007 بۇنداق باشلانماسلىقى كېرەكتى

بۇندىن كېيىن چوقۇم تىرىشىمەن .